[00:05.08] |
ئەجەم مۇقامى |
[00:10.00] |
مۇزىكىسى: خەلق |
[00:15.00] |
تېكىستى: خەلق |
[00:20.00] |
چوڭ نەغمە |
[00:25.00] |
مۇقەددىمە |
[00:37.85] |
جەھاندا گەرچە بولغاي كۆپ شاھى خەيلۇ ھەشەم پەيدا، |
[00:58.78] |
ۋەلې بولغايمۇ سەندەك خۇسرەۋىي ساھىب كەرەم پەيدا. |
[01:31.77] |
سەلامەت بولكى، تاپسۇن دەۋلەتىڭدە خەلق ئاسايىش، |
[02:08.65] |
كى ساھىب دەۋلەتى سەندەك بولۇر ئالەمدە كەم پەيدا. |
[02:54.90] |
ۋەفايۇ مىھر قانۇنىنى ئانداغ تۈزكى، دەۋرۈڭدە، |
[03:23.28] |
نەشاتۇ ئەيش بولسۇن، بولماسۇن ئەندۇھۇ غەم پەيدا. |
[04:18.81] |
چەكىپ خۇنابەلەر ھاسىل قىلىپمەن داغى ئىشقىڭنى، |
[05:06.89] |
گەدا قىلغان كەبى خۇنى جىگەر بىرلە دىرھەم پەيدا. |
[05:49.49] |
قۇياش يەڭلىغ يۈزۈڭگە، ۋاھ، نەچۈك مەن تىك باقاي جانا، |
[06:23.03] |
ياڭى ئايدەك قاشىڭدىن قامەتىمغا بولدى خەم پەيدا. |
[07:00.25] |
قەددىڭۇ زۇلفۇڭ ئاغزىڭ ھەرفىندىن ھەرلەھزە دەم ئۇرسام، |
[07:55.44] |
بولۇر جانۇ تەنۇ كۆڭلۈمگە ھەر ياندىن ئەلەم پەيدا. |
[08:31.34] |
يەتىپ كەلسەڭ ئايازىي باشىغا سىھھەت ئولماسمۇ، |
[08:54.58] |
تىرىلمەككە، ئۆلۈك بولسا، مەسىھ روھى دەم پەيدا. |
[09:56.31] |
تەئەززە |
[09:56.85] |
سەۋىنگىل، ئەي كۆڭۈل، ئاخىركى جىسمىڭ ئىچرە جان كەلدى، |
[10:43.11] |
قۇۋان، ئەي جانى مەھزۇنكىم، ھەياتى جاۋىندان كەلدى. |
[11:03.05] |
سەفەردىن ئول پەرى يەتتى، مەنى مەھزۇننى شاد ئەتتى، |
[11:49.10] |
كۆڭۈلدىن ئەسكى غەم كەتتى، تەن ئىچرە تازە جان كەلدى. |
[12:07.96] |
خىرەد، يىغ بۇ مەسافىڭنى، تەھەممۇل، قوي گەزافىڭنى، |
[12:40.51] |
ۋەرەئ ،تەرك ئەيلە لافىڭنى كى ئاشۇبى جەھان كەلدى. |
[13:00.60] |
دەمكىم ئاندىن ئايرىلدىم، كۆڭۈلنى ھەمرەھى قىلدىم، |
[13:32.76] |
بۈگۈن كەلدى كۆڭۈل، بىلدىمكى، ئول نا مىھرىبان كەلدى. |
[13:51.19] |
كەلىپدۇر ياشۇرۇن ئول شاھ، مەنى مەجنۇن ئەمەس ئاگاھ، |
[14:25.82] |
پەرى ئەرمەس ئەسە ئول، پاھ، نەچۈك كۆزدىن نىھان كەلدى. |
[15:06.34] |
فالەك باقتى فىغانىمغا، ئەجەل رەھم ئەتتى جانىمغا، |
[15:40.66] |
خەزانلىغ بوستانىمغا گۈلى باغى جىنان كەلدى. |
[16:20.67] |
مۇغەننىي بىر نەۋائى تۈز، نەۋائىي، نەغمەئى كۆرگۈز، |
[16:42.32] |
ئاياقچى، تامسا تۇت توقۇز كى، دارايى زەمان كەلدى. |
[17:01.69] |
سەھەر خۇرشىدى شاھى تاغ ئۈزە زەررىن ئەلەم چەكتى، |
[17:22.62] |
داغى پەرتەۋ ساچىپ گەردۇن ئارا تۈرلۈك رەقەم چەكتى. |
[17:42.00] |
فەنا فەرراشى ئەيلەپ سۈبھىنىڭ سىيمىن پەرۇ بالىن، |
[18:04.68] |
مۇرەسسەئ تارى مىژگانىنى جارۇبى ھەرەم چەكتى. |
[18:21.07] |
كىر ۋائىز كەئبەدە ھەر دەم سەمەد زىكرىن بەيان ئەيلەپ، |
[18:32.89] |
بەرەھمەن دەيرى تەختى ئۈزرە ئەسرارى سەنەم چەكتى. |
[18:54.42] |
باش ئالىپ كەئبەدىن شەيخى ھەرەم، دەير ئىستەدى ئول دەم، |
[19:17.25] |
كى ئول بۇت زۇلفى ئەنباربار ناگاھ پىچۇ خەم چەكتى. |
[19:40.44] |
ھەقىقەت ئەھلى تەئرىف ئەتمەيىن فەھم ئەيلەگەي بىردەك، |
[20:02.20] |
مۇغەننى ئەرغۇنۇن تارىنى نەچە زىرۇ بەم چەكتى. |
[20:25.25] |
كىشىكىم كويىدا كۈل ياستانىپ، قان ئىچمەك ئىستەر، ۋاھ، |
[20:47.00] |
فەرىندۇن بەل سۇلەيمان تەختى ئۈزرە جامى جەم چەكتى. |
[21:09.41] |
خۇشا، ئول رىندەكىم ئۇمرى ئاساسىن يوقلۇغىن بىلگەچ، |
[21:31.94] |
تەرەب جامىن تەرەننۇم زەۋقى بىرلە دەم بەدەم چەكتى. |
[26:53.49] |
تەئەززە چۈشۈرگىسى |
[26:54.69] |
دىيارى نەزم ئارا شاھلىغ نەۋائىي گەرچە كۆپ سۈردى، |
[27:16.16] |
گەدا ئەرشىيمۇ ھەم سۆز مۈلكىدە يىللار قەدەم چەكتى. |
[27:34.50] |
نۇسخە |
[27:35.34] |
دەرىغا، شورۇ شەر بولدى جەھاندا ھەر قايان پەيدا، |
[27:54.15] |
چۇ قىلدى چەرخى كەجرەۋ فىتنەئى ئاخىر زەمان پەيدا. |
[28:12.51] |
چىراغى ئەمنىيەتى تىيرە قىلدى سەرسەرى فىتنە، |
[28:30.74] |
بۇ گۈن دارۇلقەزا ئىچرە نە ئەمنۇ نە ئەمان پەيدا. |
[28:49.08] |
ھەزەر قىل، بولما غافىل، ئەي سۇلەيمانى زەمان، ھەردەم، |
[28:58.70] |
بولۇپ ئالدىڭدا گەر خەسم ئولما مۇرى ناتەۋان پەيدا. |
[29:12.19] |
ئەگەر باردۇر مۇرەۋۋەت دەھر ئەلى راھىدا، ئەي ئەھباب، |
[29:21.27] |
نەدىن بىر ياخشىنىڭ قەسىدىدە بولدى يۈز يامان پەيدا. |
[29:35.24] |
رىزالىق بىرلە قوي بىر-بىرىگە دۈشمەنلىكنى، ئەي نادان، |
[29:51.45] |
قىلىپ تەقدىرغە تەدبىر بولمامىش سۇدۇ زىيان پەيدا. |
[30:06.22] |
جەفا تاشىن باشىغا ياندۇرۇپ نابۇد ئەتەر گەردۇن، |
[30:24.08] |
ۋەفا ئەھلى جەھان بەزمىدە بولسا نەگەھان پەيدا. |
[30:37.68] |
قەزا جاللادى ھەر گۈن يۈز تۈمەن جاننى ھەلاك ئەيلەر، |
[30:55.25] |
نە ئول زاھىر، ئانىڭ ئىلكىدە نە تىغۇ نە قان پەيدا. |
[33:17.32] |
نۇسخە چۈشۈرگىسى |
[33:20.21] |
جاھان باغى گۇلىنى ھەق ۋەفاسىز ئەكتى، ئەي مەھزۇن، |
[33:20.66] |
ساڭا ھىچ سۇد يوقتۇر، قىلما بۇلبۇلدەك فىغان پەيدا. |
[33:26.77] |
مۇستەھزادە |
[33:27.84] |
ئىستەدىم ئالەمدە سەندەك شاھسەۋارى تاپمادىم، |
[33:54.68] |
دەھر ئارا بىر مۇشفىقى ھەمدەرد يارى تاپمادىم. |
[34:29.67] |
بولماغاي ئالامدە سەندەك مەھۋەشى، ئەي نازەنىن، |
[34:57.06] |
غۇنچەئى خەندان لەبىڭدەك لالەزارى تاپمادىم. |
[35:45.88] |
نە ئىلاج ئەيلەي، مەنىڭ ۋابەستەدۇر كۆڭلۈم ساڭا، |
[36:13.99] |
مىھرى تابانلىغ يۈزۈڭدەك گۇلئۇزارى تاپمادىم. |
[42:34.68] |
جۇلا |
[42:35.46] |
دەردىغا، چەرخ جانىغا ئەجەپ جەۋرۇ جەفا قىلدى، |
[42:47.87] |
غەمۇ ھەسرەت بىلە ئول يارۇ جانىمدىن جۇدا قىلدى. |
[43:04.68] |
خۇدايا، دوستۇ تۇغقاندىن جۇدا بولغان پەرىشانمەن، |
[43:17.19] |
كى دۈشمەن دەستىدە ھالىم زەبۇنۇ مۇبتەلا قىلدى. |
[43:34.43] |
جەيالى ۋەسلىدۇر جانۇ دىلىمدە مۇددەئايى ھەم، |
[43:46.09] |
ئەگەر يەتكۈزسە بىزلەرنى فەلەك بىزگە ۋەفا قىلدى. |
[44:03.77] |
ئايا بادى سەبا، ئايتقىن خەبەر ئول يارى جانىمغا، |
[44:15.76] |
ئەسىرۇ ناتەۋان گۇلشاھ جانىنى فىدا قىلدى. |
[46:47.06] |
سەنەم |
[46:47.48] |
كۆردۈم يۈزىنى، قالدىم بەلاغا، |
[46:58.05] |
ئىشقىدە يۈز مىڭ جەبرۇ جەفاغا. |
[47:08.71] |
قىينالدى جانىم، تەڭ بولدى ھالىم، |
[47:19.30] |
ئاھۇ فىغانىم يەتتى سەماغا. |
[47:32.69] |
ئەفسۇس نەدامەت، بولدى قىيامەت، |
[47:42.88] |
ئەجەبمۇ كۆيدۈم كۆڭلى قاراغا. |
[47:53.31] |
زارىم ئىشىتسۇن، ھالىمنى سورسۇن، |
[63:25.57] |
تەئكىد |
[63:26.13] |
ئەيدە بەھار ئەييامىدۇر، ساقىي، لەبا-لەب جام تۇت، |
[63:55.31] |
جەمشىد فەر شاھى جەھان چۇن قىلدى ئەزمى گۇلىستان، |
[64:03.10] |
ئەيشۇ تەرەب دەۋرانىدۇر جامى مەيى گۇلفام تۇت. |
[64:09.67] |
جەمئىييەتى ۋاقتى زەمان خۇشتۇر بىغايەت، جام تۇت. |
[64:24.23] |
مەئلۇم ئەمەس دەۋران ئىشى چۈن مۇنقەلىبدۇر گەردىشى، |
[64:38.49] |
ھەرگىز بىلۈرمۇ دەپ كىشى بۇ دەۋرنى مادام تۇت. |
[64:52.78] |
بۇ دەمكى باردۇر فۇرسەتىڭ، ئەھباب ئىلە جەمئىييەتىڭ، |
[65:06.98] |
لۇتف ئىلە بەزمۇ ئىشرەتىڭ ئەھلىنى شىرىن كام تۇت. |
[65:49.75] |
داستان |
[65:50.27] |
بىرىنچى داستان |
[66:05.00] |
يەرۇ كۆنى ياراتقان خالىقى جەببار، |
[66:11.98] |
ھىچ بەندەڭنى مەنىڭدەك ھەيران ئەيلەمە. |
[66:39.32] |
دەشتلەر ئارا قىلماغىل مەنى ئىنتىزار، |
[66:45.92] |
رەھم ئەيلەگىل، كۆزۈمنى گىريان ئەيلەمە. |
[67:22.31] |
يارنى ئىستەپ يىراقتىن كەلدىم بۇ يانە، |
[67:29.12] |
يولدىن ئازغان بەندەڭمەن، ئىگەم سۇبھانە. |
[67:52.41] |
بۇ چەللەردە ئەيلەگىل يولنى ئەيانە، |
[67:58.88] |
ئۇشبۇ ئۇمرۇم باغىنى خەزان ئەيلەمە. |
[68:34.98] |
ئاتى مىھرىلىقادۇر، ئۆزىدۇر پەرى، |
[68:41.40] |
خەيالىمدىن كەتمەگەي شەھدۇ شەكەرى، |
[69:04.72] |
قەمەر يۈزلۈك، شىرىن سۆز، رەئنا دىلبەرى، |
[69:10.92] |
دىلدارىڭنىڭ باغرىنى بىرىيان ئەيلەمە. |
[69:47.18] |
كەچە-گۈندۈز يىغلادى ناتەۋان دىلدار، |
[69:53.79] |
يوقتۇر ماڭا بۇ يەردە بىر يارى غەمخار. |
[70:16.38] |
شەفقەتىڭدىن بىنەۋا بەندەڭ ئۇمىدۋار، |
[70:22.73] |
ھىچ غەرىبنى مەنىڭدەك ۋىيران ئەيلەمە. |
[70:58.22] |
غەرىبلىقتا دەشتلەر كەزدىم فىيادە، |
[71:04.91] |
قەفەس ئىچرە قالمىشدۇر ئىرادە. |
[71:30.63] |
ئەلەملەرىم بولدى ھەددىدىن زىيادە، |
[71:36.67] |
مەن غەرىبنى كۆپ سەرگەردان ئەيلەمە. |
[75:20.87] |
ئىككىنچى داستان |
[75:21.46] |
قارا كۆز بىرلە بىر غەمزە قىلىپ يۈزمىڭ جەفا قىلما، |
[75:43.15] |
كەرەشمە بىرلە ئالەمنى مەنىڭتەك مۇبتەلا قىلما. |
[76:09.03] |
مەنىڭ بۇ خەستە جانىمغا سەنىڭ دەردىڭ ئەرۇر مەرھەم، |
[76:30.82] |
قىيامەتغە تەگىن ھەرگىز بۇ دەردىمگە دەۋا قىلما. |
[76:56.39] |
ئاخىر بىگانە تەپ گىريان ئىشىكىڭدىن قوۋا بولساڭ، |
[77:17.35] |
كۈلەر يۈز كۆرگۈزۈپ ئەۋۋەل، كىشىنى ئاشىنا قىلما. |
[77:25.65] |
باغىر قان ئەيلەدىڭ جەۋرۇ جەفا بىرلەكى، سۇلتانىم، |
[77:34.25] |
كۆزۈم ياشى بىلە ھەردەم يۈزۈمدە مەجەرا قىلما. |
[77:59.02] |
ئەي سەككاكىي، بۇ شاھ قابقىن غەنىمەت تۇت، چۇ زۇلفىڭغا، |
[78:19.86] |
ئازاقىن باغلاغان قۇشسەن، ئۇچارغا ھىچ ھەۋا قىلما. |
[80:13.38] |
ئۈچىنچى داستان |
[80:18.10] |
فەلەكنىڭ گەردىشى بىرلە ئۇشۇل ياردىن جۇدا بولدۇم، |
[80:37.07] |
يۈرەكنىڭ ئاتەشى بىرلە ۋەفادارىدىن جۇدا بولدۇم. |
[80:57.42] |
نەتەي، يارنىڭ ئاتى ئۆچتى، باغىمدىن بۇلبۇلۇم كۆچتى، |
[81:17.99] |
باشىمغا دەرد-ئەلەم تۈشتى، شۇ دىلداردىن جۇدا بولدۇم. |
[81:46.86] |
نىگارىم ئىشقىدا نالان، چەكەرمەن دائىما ئەفغان، |
[82:05.41] |
رەقىبلەر قىلدى سەرگەردان، شۇ گۇلناردىن جۇدا بولدۇم. |
[82:34.21] |
ئاتى گۇلرۇف پەرى زادە، مەنىڭ فەررۇخ شاھزادە، |
[82:54.77] |
چەكىپ مىھنەت بۇ دۇنيادا، شۇ غەمخاردىن جۇدا بولدۇم. |