ئەجەم مۇقامى مۇزىكىسى: خەلق تېكىستى: خەلق چوڭ نەغمە مۇقەددىمە جەھاندا گەرچە بولغاي كۆپ شاھى خەيلۇ ھەشەم پەيدا، ۋەلې بولغايمۇ سەندەك خۇسرەۋىي ساھىب كەرەم پەيدا. سەلامەت بولكى، تاپسۇن دەۋلەتىڭدە خەلق ئاسايىش، كى ساھىب دەۋلەتى سەندەك بولۇر ئالەمدە كەم پەيدا. ۋەفايۇ مىھر قانۇنىنى ئانداغ تۈزكى، دەۋرۈڭدە، نەشاتۇ ئ‍ەيش بولسۇن، بولماسۇن ئەندۇھۇ غەم پەيدا. چەكىپ خۇنابەلەر ھاسىل قىلىپمەن داغى ئىشقىڭنى، گەدا قىلغان كەبى خۇنى جىگەر بىرلە دىرھەم پەيدا. قۇياش يەڭلىغ يۈزۈڭگە، ۋاھ، نەچۈك مەن تىك باقاي جانا، ياڭى ئايدەك قاشىڭدىن قامەتىمغا بولدى خەم پەيدا. قەددىڭۇ زۇلفۇڭ ئاغزىڭ ھەرفىندىن ھەرلەھزە دەم ئۇرسام، بولۇر جانۇ تەنۇ كۆڭلۈمگە ھەر ياندىن ئەلەم پەيدا. يەتىپ كەلسەڭ ئايازىي باشىغا سىھھەت ئولماسمۇ، تىرىلمەككە، ئۆلۈك بولسا، مەسىھ روھى دەم پەيدا. تەئەززە سەۋىنگىل، ئەي كۆڭۈل، ئاخىركى جىسمىڭ ئىچرە جان كەلدى، قۇۋان، ئەي جانى مەھزۇنكىم، ھەياتى جاۋىندان كەلدى. سەفەردىن ئول پەرى يەتتى، مەنى مەھزۇننى شاد ئەتتى، كۆڭۈلدىن ئەسكى غەم كەتتى، تەن ئىچرە تازە جان كەلدى. خىرەد، يىغ بۇ مەسافىڭنى، تەھەممۇل، قوي گەزافىڭنى، ۋەرەئ‍ ،تەرك ئەيلە لافىڭنى كى ئاشۇبى جەھان كەلدى. دەمكىم ئاندىن ئايرىلدىم، كۆڭۈلنى ھەمرەھى قىلدىم، بۈگۈن كەلدى كۆڭۈل، بىلدىمكى، ئول نا مىھرىبان كەلدى. كەلىپدۇر ياشۇرۇن ئول شاھ، مەنى مەجنۇن ئەمەس ئاگاھ، پەرى ئەرمەس ئەسە ئول، پاھ، نەچۈك كۆزدىن نىھان كەلدى. فالەك باقتى فىغانىمغا، ئەجەل رەھم ئەتتى جانىمغا، خەزانلىغ بوستانىمغا گۈلى باغى جىنان كەلدى. مۇغەننىي بىر نەۋائى تۈز، نەۋائىي، نەغمەئى كۆرگۈز، ئاياقچى، تامسا تۇت توقۇز كى، دارايى زەمان كەلدى. سەھەر خۇرشىدى شاھى تاغ ئۈزە زەررىن ئەلەم چەكتى، داغى پەرتەۋ ساچىپ گەردۇن ئارا تۈرلۈك رەقەم چەكتى. فەنا فەرراشى ئەيلەپ سۈبھىنىڭ سىيمىن پەرۇ بالىن، مۇرەسسەئ‍ تارى مىژگانىنى جارۇبى ھەرەم چەكتى. كىر ۋائىز كەئ‍بەدە ھەر دەم سەمەد زىكرىن بەيان ئەيلەپ، بەرەھمەن دەيرى تەختى ئ‍ۈزرە ئەسرارى سەنەم چەكتى. باش ئالىپ كەئ‍بەدىن شەيخى ھەرەم، دەير ئىستەدى ئول دەم، كى ئ‍ول بۇت زۇلفى ئەنباربار ناگاھ پىچۇ خەم چەكتى. ھەقىقەت ئەھلى تەئ‍رىف ئەتمەيىن فەھم ئەيلەگەي بىردەك، مۇغەننى ئەرغۇنۇن تارىنى نەچە زىرۇ بەم چەكتى. كىشىكىم كويىدا كۈل ياستانىپ، قان ئىچمەك ئىستەر، ۋاھ، فەرىندۇن بەل سۇلەيمان تەختى ئۈزرە جامى جەم چەكتى. خۇشا، ئول رىندەكىم ئۇمرى ئاساسىن يوقلۇغىن بىلگەچ، تەرەب جامىن تەرەننۇم زەۋقى بىرلە دەم بەدەم چەكتى. تەئەززە چۈشۈرگىسى دىيارى نەزم ئارا شاھلىغ نەۋائىي گەرچە كۆپ سۈردى، گەدا ئەرشىيمۇ ھەم سۆز مۈلكىدە يىللار قەدەم چەكتى. نۇسخە دەرىغا، شورۇ شەر بولدى جەھاندا ھەر قايان پەيدا، چۇ قىلدى چەرخى كەجرەۋ فىتنەئى ئاخىر زەمان پەيدا. چىراغى ئەمنىيەتى تىيرە قىلدى سەرسەرى فىتنە، بۇ گۈن دارۇلقەزا ئىچرە نە ئەمنۇ نە ئەمان پەيدا. ھەزەر قىل، بولما غافىل، ئەي سۇلەيمانى زەمان، ھەردەم، بولۇپ ئالدىڭدا گەر خەسم ئولما مۇرى ناتەۋان پەيدا. ئەگەر باردۇر مۇرەۋۋەت دەھر ئەلى راھىدا، ئەي ئەھباب، نەدىن بىر ياخشىنىڭ قەسىدىدە بولدى يۈز يامان پەيدا. رىزالىق بىرلە قوي بىر-بىرىگە دۈشمەنلىكنى، ئەي نادان، قىلىپ تەقدىرغە تەدبىر بولمامىش سۇدۇ زىيان پەيدا. جەفا تاشىن باشىغا ياندۇرۇپ نابۇد ئەتەر گەردۇن، ۋەفا ئەھلى جەھان بەزمىدە بولسا نەگەھان پەيدا. قەزا جاللادى ھەر گۈن يۈز تۈمەن جاننى ھەلاك ئەيلەر، نە ئول زاھىر، ئانىڭ ئ‍ىلكىدە نە تىغۇ نە قان پەيدا. نۇسخە چۈشۈرگىسى جاھان باغى گۇلىنى ھەق ۋەفاسىز ئەكتى، ئەي مەھزۇن، ساڭا ھىچ سۇد يوقتۇر، قىلما بۇلبۇلدەك فىغان پەيدا. مۇستەھزادە ئىستەدىم ئالەمدە سەندەك شاھسەۋارى تاپمادىم، دەھر ئارا بىر مۇشفىقى ھەمدەرد يارى تاپمادىم. بولماغاي ئالامدە سەندەك مەھۋەشى، ئەي نازەنىن، غۇنچەئى خەندان لەبىڭدەك لالەزارى تاپمادىم. نە ئىلاج ئەيلەي، مەنىڭ ۋابەستەدۇر كۆڭلۈم ساڭا، مىھرى تابانلىغ يۈزۈڭدەك گۇلئۇزارى تاپمادىم. جۇلا دەردىغا، چەرخ جانىغا ئەجەپ جەۋرۇ جەفا قىلدى، غەمۇ ھەسرەت بىلە ئول يارۇ جانىمدىن جۇدا قىلدى. خۇدايا، دوستۇ تۇغقاندىن جۇدا بولغان پەرىشانمەن، كى دۈشمەن دەستىدە ھالىم زەبۇنۇ مۇبتەلا قىلدى. جەيالى ۋەسلىدۇر جانۇ دىلىمدە مۇددەئايى ھەم، ئەگەر يەتكۈزسە بىزلەرنى فەلەك بىزگە ۋەفا قىلدى. ئايا بادى سەبا، ئايتقىن خەبەر ئول يارى جانىمغا، ئەسىرۇ ناتەۋان گۇلشاھ جانىنى فىدا قىلدى. سەنەم كۆردۈم يۈزىنى، قالدىم بەلاغا، ئىشقىدە يۈز مىڭ جەبرۇ جەفاغا. قىينالدى جانىم، تەڭ بولدى ھالىم، ئاھۇ فىغانىم يەتتى سەماغا. ئەفسۇس نەدامەت، بولدى قىيامەت، ئەجەبمۇ كۆيدۈم كۆڭلى قاراغا. زارىم ئىشىتسۇن، ھالىمنى سورسۇن، تەئ‍كىد ئەيدە بەھار ئەييامىدۇر، ساقىي، لەبا-لەب جام تۇت، جەمشىد فەر شاھى جەھان چۇن قىلدى ئەزمى گۇلىستان، ئەيشۇ تەرەب دەۋرانىدۇر جامى مەيى گۇلفام تۇت. جەمئىييەتى ۋاقتى زەمان خۇشتۇر بىغايەت، جام تۇت. مەئ‍لۇم ئەمەس دەۋران ئىشى چۈن مۇنقەلىبدۇر گەردىشى، ھەرگىز بىلۈرمۇ دەپ كىشى بۇ دەۋرنى مادام تۇت. بۇ دەمكى باردۇر فۇرسەتىڭ، ئەھباب ئىلە جەمئىييەتىڭ، لۇتف ئىلە بەزمۇ ئىشرەتىڭ ئەھلىنى شىرىن كام تۇت. داستان بىرىنچى داستان يەرۇ كۆنى ياراتقان خالىقى جەببار، ھىچ بەندەڭنى مەنىڭدەك ھەيران ئەيلەمە. دەشتلەر ئارا قىلماغىل مەنى ئىنتىزار، رەھم ئەيلەگىل، كۆزۈمنى گىريان ئەيلەمە. يارنى ئىستەپ يىراقتىن كەلدىم بۇ يانە، يولدىن ئازغان بەندەڭمەن، ئىگەم سۇبھانە. بۇ چەللەردە ئەيلەگىل يولنى ئەيانە، ئۇشبۇ ئۇمرۇم باغىنى خەزان ئەيلەمە. ئاتى مىھرىلىقادۇر، ئۆزىدۇر پەرى، خەيالىمدىن كەتمەگەي شەھدۇ شەكەرى، قەمەر يۈزلۈك، شىرىن سۆز، رەئ‍نا دىلبەرى، دىلدارىڭنىڭ باغرىنى بىرىيان ئەيلەمە. كەچە-گۈندۈز يىغلادى ناتەۋان دىلدار، يوقتۇر ماڭا بۇ يەردە بىر يارى غەمخار. شەفقەتىڭدىن بىنەۋا بەندەڭ ئۇمىدۋار، ھىچ غەرىبنى مەنىڭدەك ۋىيران ئەيلەمە. غەرىبلىقتا دەشتلەر كەزدىم فىيادە، قەفەس ئىچرە قالمىشدۇر ئىرادە. ئەلەملەرىم بولدى ھەددىدىن زىيادە، مەن غەرىبنى كۆپ سەرگەردان ئەيلەمە. ئىككىنچى داستان قارا كۆز بىرلە بىر غەمزە قىلىپ يۈزمىڭ جەفا قىلما، كەرەشمە بىرلە ئالەمنى مەنىڭتەك مۇبتەلا قىلما. مەنىڭ بۇ خەستە جانىمغا سەنىڭ دەردىڭ ئەرۇر مەرھەم، قىيامەتغە تەگىن ھەرگىز بۇ دەردىمگە دەۋا قىلما. ئاخىر بىگانە تەپ گىريان ئىشىكىڭدىن قوۋا بولساڭ، كۈلەر يۈز كۆرگۈزۈپ ئەۋۋەل، كىشىنى ئاشىنا قىلما. باغىر قان ئەيلەدىڭ جەۋرۇ جەفا بىرلەكى، سۇلتانىم، كۆزۈم ياشى بىلە ھەردەم يۈزۈمدە مەجەرا قىلما. ئەي سەككاكىي، بۇ شاھ قابقىن غەنىمەت تۇت، چۇ زۇلفىڭغا، ئازاقىن باغلاغان قۇشسەن، ئۇچارغا ھىچ ھەۋا قىلما. ئۈچىنچى داستان فەلەكنىڭ گەردىشى بىرلە ئ‍ۇشۇل ياردىن جۇدا بولدۇم، يۈرەكنىڭ ئاتەشى بىرلە ۋەفادارىدىن جۇدا بولدۇم. نەتەي، يارنىڭ ئاتى ئۆچتى، باغىمدىن بۇلبۇلۇم كۆچتى، باشىمغا دەرد-ئەلەم تۈشتى، شۇ دىلداردىن جۇدا بولدۇم. نىگارىم ئىشقىدا نالان، چەكەرمەن دائىما ئەفغان، رەقىبلەر قىلدى سەرگەردان، شۇ گۇلناردىن جۇدا بولدۇم. ئاتى گۇلرۇف پەرى زادە، مەنىڭ فەررۇخ شاھزادە، چەكىپ مىھنەت بۇ دۇنيادا، شۇ غەمخاردىن جۇدا بولدۇم.