[00:08.32] |
پەنجىگاھ مۇقامى |
[00:14.48] |
مۇزىكىسى: خەلق |
[00:20.47] |
تېكىستى: خەلق |
[06:57.43] |
تەئەززە |
[06:59.81] |
سۈبھى دەمدە ئاچتى خەممارى ئىشىك مەيخانەغە، |
[07:44.67] |
بۇق-بۇق ئاۋازى سۇراھى جان بەرۇر مەستانەغە. |
[08:28.82] |
مەن يىراقدىن بەزمەغە كەلدىمكى ئاخىرراقدا، |
[09:12.68] |
ساقىيا، قوپ، مەينى پۇر ئەيلەكى بۇ مەيمانەغە. |
[09:57.67] |
مەجنۇن ئولدۇم لەيلىنىڭ ئىشقىدا بۇ ئالەم ئارا، |
[10:52.87] |
ئاقىلا، قىلما نەسىھەت مەن كەبى دىيۋانەغە. |
[11:31.45] |
چەۋرۈلۈپ شەمئى جەمالى مەئشۇقىغا ئاشىقى، |
[12:24.56] |
ئىشقىدە كۆيمەكنىككىم ئۆرگەتتى بۇ پەرۋانەغە. |
[13:03.70] |
سىينە زەنگارىنى تەقۋا سەيقەلىدەك پاك قىل، |
[13:58.89] |
پاكلىق بىرلە قارا ئايىنەدە جانانەغە. |
[14:18.15] |
توقدۇرۇر دۇشنام سەييادى ئەزەلكى جانىمە، |
[14:56.06] |
كەلدىلەر مۇرغى ھەۋا ئالەمغە بەھرى دانەغە. |
[15:44.83] |
تەۋبە قىل زۇھدى رىيائىيغا بۇرۇنراق، ھافىزا، |
[16:05.79] |
بەسكى ئاچماسدا ئىشىكنى بۇ كەچە مەيخانەغە. |
[21:34.34] |
تەئەززە چۈشۈرگىسى |
[21:34.87] |
تەۋبە قىل زۇھدى رىيائىيغا بۇرۇنراق، ھافىزا، |
[22:17.46] |
بەسكى ئاچماسدا ئىشىكنى بۇ كەچە مەيخانەغە. |
[22:40.32] |
بىرىنچى نۇسخە |
[22:41.11] |
ئۆلگۈچە بەندەڭ بولاي، ئەي شاھى خۇبانىم ساڭا، |
[22:59.01] |
تا تىرىكدۇرمەن فىدا ئەيلەي تەنۇ جانىم ساڭا. |
[23:43.29] |
ئەي نىگارا، كاشكى كۆرسەم جەمالىڭ ئەكسىنى، |
[24:01.36] |
كۆيدۈمۇ فانۇسدەك شەمئى شەبىستانىم ساڭا. |
[24:19.34] |
رەھم قىلغىل مەن يەتىم بىچارەگە، ئەي نازىنىن، |
[24:37.55] |
ھەسرەتىڭدە زەئفراندەك بولدى رۇخسارىم ماڭا. |
[24:55.79] |
مۇنچە كۆيدۈرمەك بەدۇركىم ئاشىقى بىچارەنى، |
[25:13.54] |
كىممۇ ئايتغاي ئەرزى ئەھالىمنى جانانىم، ساڭا. |
[25:58.37] |
دىلبەرا، سەندى زامان ئايرىلماقىم دۇشۋادۇر، |
[26:15.95] |
تا قىيامەت يىغلاسام يەتكەيمۇ ئەفغانىم ساڭا. |
[26:33.84] |
كەچە-گۈندۈز يارنىڭ كويىدا ئىچىتم بادەئى، |
[26:51.21] |
زاھىدا مەنئ ئەتمەگىلكىم باغۇ بوستانىم ساڭا. |
[30:59.68] |
بىرىنچى نۇسخە چۈشۈرگىسى |
[31:01.06] |
يارنىڭ ۋەسلى جەمالىنى تىلەيدۇر نەۋبەتىي، |
[31:18.09] |
رەھم قىل، يار رەب، قەبۇل بولغايكى ئىمانىم ساڭا. |
[32:00.62] |
ئىككىنچى نۇسخە |
[32:01.65] |
گۇل ياقا چاك ئەيلەدى، رۇخسارى ئالىڭنى كۆرۈپ، |
[32:26.75] |
سەرۋى ئەرئەر تىترەدى، نازۇك نىھالىڭنى كۆرۈپ. |
[32:52.35] |
ياڭى ئاي قان يىغلادى، ئەرمەس شەفەق چەرخ ئۈزرە كىم، |
[33:17.50] |
قامەتىن خەم ئەيلەبان، مۇشكىن ھىلالىڭنى كۆرۈپ. |
[33:43.17] |
سەير ئەتىپ كۆڭلۈم قۇشى باغلاندى زۇلفۇڭ دامىغا، |
[34:07.73] |
دانە تەڭلىغكىم لەبىڭ ئۈستىدە خالىڭنى كۆرۈپ. |
[34:32.70] |
خىزر سۈيى بىرلە ئىيسا باشۇنۇپ بولدى خەجىل، |
[34:57.42] |
ئائلىڭ ئىچرە ناگەھان شىرن زۇلالىڭنى كۆرۈپ. |
[35:22.36] |
بىر نەفەس جان تۇرماسۇن تەندە، سەنى گەر كۆرمەسەم، |
[35:47.00] |
خىزر ئۇمرىدۇر ماڭا ئۆلسەم جەمالىڭنى كۆرۈپ. |
[36:11.93] |
جەننەتۇل فىردەۋس ئارا سەن بولماساڭ، ئەي مەھجەبىن، |
[36:36.58] |
تاڭ ئەمەسدۇر كەچسەم ئاندىن چۇن ۋىسالىڭنى كۆرۈپ. |
[37:01.49] |
مەھزۇنا، مەي ئىستەسەڭ سىندۇر كۆڭۈلنى، بول گەدا، |
[37:26.59] |
دەير پىيرى مەي بەرۇر، سۇنغان سوفالىڭنى كۆرۈپ. |
[40:16.10] |
ئىككىنچى نۇسخە چۈشۈرگىسى |
[40:17.82] |
مەھزۇنا، مەي ئىستەسەڭ سىندۇر كۆڭۈلنى، بول گەدا، |
[40:42.14] |
دەير پىيرى مەي بەرۇر، سۇنغان سوفالىڭنى كۆرۈپ. |
[41:04.30] |
مۇستەھزادە |
[41:10.13] |
ئارەزىڭنى باغ ئارا چۈن كۆردى، ھەيران بولدى گۇل، |
[41:36.71] |
بەگسىز قىلدى نەدىنكىم، بەس، پەرىشان بولدى گۇل. |
[41:57.23] |
بادەدىن گۇل گۇل كۆرۈپ ئول يۈزنى، ئانىڭ ھەجرىدىن، |
[42:22.58] |
چاك-چاك ئولغان كۆڭۈلدەك تەھ-بەتەھ قان بولدى گۇل. |
[42:42.12] |
گۇلئوزارىم كىشۋەرى ھۇسن ئىچرە بولدى پادىشاھ، |
[43:14.09] |
راست ئانداغكىم چەمەن مۈلكىدە سۇلتان بولدى گۇل. |
[46:53.61] |
گۇل چاغى يارى سەفەر ئەيلەپ، نەۋائىي جانىغا، |
[47:25.45] |
ھەر بىرى بىر تازە قانلىغ داغى ھىجران بولدى گۇل. |
[52:19.79] |
جۇلا |
[52:20.83] |
خىلئەتى جانغا مۇنەققەش ئولدى جانان سۇرەتى، |
[52:37.34] |
بولدى جانان سۇرەتى بۇ جىسىم ئارا جان سۇرەتى. |
[52:51.70] |
جاننى جانانغا نىسار ئەتتىم، پەرىمۇ، ھۇرمۇ، |
[53:07.71] |
قالمادى، ئەي دوستلاركىم، مەندىن ئىنسان سۈرەتى. |
[53:20.59] |
ئىزدەبان كەزدىم جەھاننى تاپمادىم سالىپ سوراغ، |
[53:33.53] |
زارنى سەرگەشتە ئەيلەپ قىلدى ھەيران سۇرەتى. |
[53:46.46] |
ئوتغا تۈشكەن قىل كەبى جانىمنى ئەتتى پىچ-پىچ، |
[53:59.32] |
ھەلقە-ھەلقە ئەيلەدى زۇلفى پەرىشان سۇرەتى. |
[54:12.54] |
خەنجەرى ھىجران ھۇجۇمى ئەيلەدى باغرىمنى چاك، |
[54:25.67] |
بىر قىيا باقماق بىلە ئول غۇنچە خەندان سۇرەتى. |
[54:38.73] |
تىيرە كۆڭلۈمنى مۇنەۋۋەر ئەيلەسە، يوقدۇر ئەجەب، |
[54:55.56] |
ئەنىييىرى ئەئزەم بولۇپ خۇرشىدى سۇرەتى. |
[55:30.51] |
ئۆلگۈنچە قىلسام تەلەب ۋەسلى مۇيەسسەرمۇ ئىكىن، |
[55:46.76] |
ئەسلىنى تاپماق بەسى مۇشكىلكى ئاسان سۇرەتى. |
[56:21.13] |
ئايتىپ-ئايتىپ يىغلاساڭ، مەسئۇد، يوقدۇر ھەمدەمىڭ، |
[56:37.91] |
بىدەۋا دەردىڭغە بولماي سىھھەت ئىمكان سۇرەتى. |
[59:33.28] |
جۇلا چۈشۈرگىسى |
[59:34.87] |
ئايتىپ-ئايتىپ يىغلاساڭ، مەسئۇد، يوقدۇر ھەمدەمىڭ، |
[59:47.44] |
بىدەۋا دەردىڭغە بولماي سىھھەت ئىمكان سۇرەتى. |
[59:58.23] |
سەنەم |
[59:58.71] |
ئەگىز-ئەگىز تاغ باشىدا چىراق كۆيەدۇر، |
[60:10.86] |
چىراق ئەمەس يارنىڭ ئوتى يۈرەك كۆيەدۇر. |
[60:24.40] |
ئەگىز-ئەگىز تاغ باشىدىن سارىلدىم تۈزگە، |
[60:35.93] |
قىزىلگۈلنىڭ غۇنچەسىدەك ئەگىلدىم سىزگە. |
[60:48.32] |
قىزىلگۈلنىڭ غۇنچەسىدەك كۆرۈنگەن يارىم، |
[61:00.75] |
قىزىق تەنۇر ئاتەشىدەك كۆيۈنگەن يارىم. |
[61:28.74] |
چوڭ سەلىقە |
[61:29.20] |
جانا، يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم، |
[61:39.25] |
شەكەر لەبىڭنى سۆيگەلى كەلدىم. |
[61:50.38] |
ئەي خاجەئى ھۇسن، بەندەڭ بولايىن، |
[62:01.08] |
قۇلدەك ئىشىكدە تۇرغالى كەلدىم. |
[62:12.31] |
ئۇچرادى ناگاھ ئەھلى مۇھەببەت، |
[62:22.92] |
قىيمەن بەھانى ئالغالى كەلدىم. |
[62:34.10] |
مەشرەبكە تەگسە بىر كاسەئى دەۋران، |
[62:44.35] |
كىچىك سەلىقە |
[62:44.78] |
بىرىنچى ئاھاڭ |
[62:45.76] |
يولدا بىر مەھۋەشنى كۆردۈم ئۆزگەچە رەفتارى بار، |
[63:34.01] |
باشىدا گۇلگۇن جەلاسى، ئۆشنىدە زۇننارى بار. |
[63:57.17] |
قەتلىئام ئەيلەرگە چىقمىش يانىغا باغلاپ قىلىچ، |
[64:11.21] |
ئەڭنىگە كىيگەن غەزەبدىن چەكمەنى گۇلنارى بار. |
[64:35.99] |
دەم بەدەم ئۆرتەپ ۋۇجۇدۇم خىرمەنىن كۈل قىلغالى، |
[64:50.22] |
ھەي-ھەي، ئول قاتىلنىڭ ئىككى ئاتەشىن رۇخسارى بار. |
[65:14.61] |
شوخلۇقىدىن ئويناشىپ جان ئالسا ھەردەم كۆزلەرى، |
[65:28.99] |
غەم ئەمەستۇر جان بەرۈردە لەئلى شەكەر بارى بار. |
[65:53.49] |
بۇسە ئىستەپ كۆزلەرىم سۈرسەم ئاياغىن سۇنمادى، |
[66:07.16] |
دەدى ئول بىرەھم كافىر ئىشۋە بىرلە:«نەرى بار». |
[66:31.61] |
ئۆلسە مەندەك ئاجىزۇ مەھزۇن گەدا، پەرۋاسى يوق، |
[66:45.82] |
بىر قولىدا جامى مەي، بىر ئىلكىدە سەتارى بار. |
[67:10.65] |
ئىككىنچى ئاھاڭ |
[67:11.57] |
ئەرزىمنى ئايتاي بادى سەباغا، |
[67:18.20] |
بىزدىن دۇئالار ئول دىلرەباغا. |
[67:24.90] |
كۆزلەرى چوپان، سەرۋى خىرامان، |
[67:32.24] |
زۇلفى پەرىشان، قاشى قارارغا. |
[67:53.02] |
ئۇچدى كۆزۈمدىن ئول پەرى ياڭلىغ، |
[67:59.90] |
تاشلادى كەتتى تۈرلۈك بەلاغا. |
[68:06.71] |
دەردى فىراقىڭ ئەيلەدى بىمار، |
[68:13.87] |
قايدا بارايىن ئەمدى دەۋاغا. |
[68:35.27] |
ھەجرىڭدە تىنماي قىلدىم فىغانلار، |
[68:48.98] |
يەتتى بۇ نالەم ئەرزۇ سەماغا. |
[68:55.53] |
يول بەرمەدىلەر ماڭا رەقىبلەر، |
[69:02.89] |
چىقدىم باش ئالىپ ئول كەربالارغا. |
[69:23.83] |
دەردۇ غەم ئىچرە سارغاردى يۈزۈم، |
[69:37.49] |
تاپشۇرۇپ ئاخىر قادىر خۇداغا. |
[69:44.18] |
دىلخەستە مەشرەب قىلماسمۇ فەرياد، |
[69:51.36] |
جەللاد كۆزلەرى ئالسا ئاراغا. |
[70:11.69] |
ئۈچىنچى ئاھاڭ |
[70:12.60] |
نەرگىسنىڭ جادۇسىدىن ھەر دەم يۈرەك قاندۇر ماڭا، |
[70:32.93] |
سۇنبۇلۇڭ سەۋداسىدىن خاتىر پەرىشاندۇر ماڭا. |
[71:00.91] |
ئىشقدىن بىر زىندەگانلىغ ئاڭلادىم، دۇشۋار ئەمىش، |
[71:21.97] |
ئەمدى بىر سائەت جۇدا بولماق نە ئىمكاندۇر ماڭا. |
[71:49.50] |
نالە قىلسام ئەردى رەھمى قىلغاي ئەردىڭ، ۋاھ قەنى، |
[72:10.25] |
كىم فىراقىڭ زەئفىدىن بىر چىقماغان جاندۇر ماڭا. |
[72:37.85] |
ئەبر ئەمەس ھەم دەم دۇرەفشان، ئەي ئايازى، كويىدا، |
[72:58.29] |
ھالى زارىمنى كۆرۈپ ئەفلاك گىريانىدۇر ماڭا. |
[73:25.74] |
تۆتىنچى ئاھاڭ |
[73:27.41] |
ئەي زۇھۇرى ئافتابىڭدىن تۈشۈپ ئەئيان ئارا، |
[73:40.57] |
زەررە يەڭلىغ ھەر تەرەف جان ئەۋرۈلۈر تابىدان ئارا. |
[73:57.41] |
ئەيلەدىڭ بارى ئەمانەتكە ئەمىن ئادەمنىكىم، |
[74:10.85] |
بۇ جىھەتدىندۇر زۇھۇرىي كامىلىڭ ئىنسان ئارا. |
[74:27.62] |
گەر تەجەللىئى جەمالىڭدىن چەمەندە بولماسا، |
[74:41.11] |
نە دۇر ئەفغان قىلغالى بۇلبۇلغا ھەم بوستان ئارا. |
[75:04.60] |
جۇملە ئەشيادۇر نىھالى ئىئتىدالىڭغا تانۇق، |
[75:11.04] |
كىمكى ئارىفدۇر ئاڭا بۇ راستدۇر، يالغان ئارا. |
[75:25.61] |
تا سەنىڭ سەۋايى زۇلفۇڭ تۈشكەلى ھەر باشقا، |
[75:31.08] |
يۈز تۈمەن غەۋغا تۈشۈپدۇر جۇملە ئىنسۇ جان ئارا. |
[75:47.99] |
ئول بەلى ھۇكمىدە بولدى جانىما يۈز مىڭ بەلا، |
[75:55.30] |
دەردۇ غەم مەھزۇن كۆڭۈلگە، مىھرى ئىشقىڭ جان ئارا. |
[76:08.62] |
مەزھەرىي، بولغىل قەنائەت كۇنجىدا، ۋىيرانە تۇت، |
[76:14.60] |
زاھىر ئولغاي گەنجلەر شايەد ساڭا سىيران ئارا. |
[76:30.54] |
بەشىنچى ئاھاڭ |
[76:31.83] |
ئەي سەبا، بەرگىل خەبەر، ئول شاھسەۋارىم كەلدىمۇ؟ |
[76:51.56] |
لۇتف ئەتىپ ھالىم سورارغا ھەمدىيارىم كەلدىمۇ؟ |
[77:11.83] |
كەيف قىلدىكىم مەنى ئىشقۇ مۇھەببەت بادەسى، |
[77:31.66] |
تۇتىئى شىرىن زەبان، كۆزى خۇمارىم كەلدىمۇ. |
[80:27.09] |
پىشرەۋ |
[80:28.57] |
بولدى يۈزۈڭدىن ئەلەم مۇنەۋۋەر، |
[80:41.26] |
قەنى سەنىڭتەك روھى مۇسەۋۋەر. |
[80:54.60] |
سەۋدى بۇ جانىم كۆز بىرلە ئاغزىڭ، |
[81:07.27] |
ئانداغكى تۇتى بادامۇ شەكەر. |
[81:20.69] |
زۇلفۇڭ بىلە يۈز كەچەيۇگۈندۇز، |
[81:33.52] |
لەئلىڭ بىلە سۆز قەندى مۇكەررەر. |
[81:46.39] |
گەر شانە قىلساڭ زۇلفۇڭ خەيالىن، |
[81:58.83] |
مۇشك ئىلە بولغاي ئالەم مۇئەتتەر. |
[82:15.55] |
ئاتساڭ كەبۇتەر تەنىنە ئوقنى، |
[82:27.70] |
ئاتقاي مۇئەللەق ئول دەم كەبۇتەر. |
[84:33.61] |
پىشرەۋ چۈشۈرگىسى |
[84:34.04] |
نە تۇرفە ھافىز كۆيسە ھەمىشە، |
[84:45.72] |
ئوت ئەرۇر ئاھى، سىينە چۇ مىژگەر. |
[84:58.68] |
تەئكىد |
[84:59.90] |
شەھسەۋارىم ھەر قاچان جەۋلان قىلۇر، |
[85:05.17] |
مەھۋ ئولۇپ بىلمان ئۆزۈمنى، ھەق بىلۇر. |
[85:10.85] |
ئاڭا ھەر كۆزكىم تۈشەر، كىرفىكلەرى، |
[85:16.36] |
خەستە كۆڭلۈمگە تىكەندەك سانچىلۇر. |
[85:21.61] |
ئاچىلۇر كۆڭلۈم سەمەندى سەيرىدىن، |
[85:27.22] |
غۇنچە يەڭلىغكىم سەبادىن ئاچىلۇر. |
[85:33.05] |
ئايرىلۇر گويا قۇياشدىن بىر شىھاب، |
[85:44.30] |
ئاتى نەئلىدىن ھەر ئوتكىم ئايرىلۇر. |
[85:55.79] |
تەۋسەنى گەردۇننى مەركەب قىلماكىم، |
[86:01.52] |
يەر بىلەن راكىبى ئاخىر تەڭ قىلۇر. |
[86:12.64] |
تىز ئەتەر تىغىڭ نەۋائىي ئىشقىنى، |
[86:23.49] |
گەرچە ئوت ئۆچەر، ئەگەر سۇ ساچىلۇر. |
[86:56.66] |
داستان |
[87:02.90] |
بىرىنچى داستان |
[87:14.75] |
قايسى گۇلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۇلى رەئناسى بار، |
[87:35.05] |
قايسى گۇلنىڭ بىر مەنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار. |
[88:23.45] |
ھۇر بىرلە جەننەتۇل مەئۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن، |
[88:46.27] |
يارنىڭ كويىدا يۈز مىڭ جەننەتۇل مەئۋاسى بار. |
[89:33.90] |
يۈزى ئۈزرە كالۇلۇ زۇلفىن پەرىشان كۆرگەلى، |
[90:06.59] |
ئەي سەئىد، ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار. |
[90:47.99] |
ئىككىنچى داستان |
[94:20.95] |
ئەي سەنىڭ جادۇ كۆزۈڭ سەر فىتنەئى ئاخىر زەمان، |
[94:30.80] |
لەبلەرىڭدۇر خەستە كۆڭلۈمگە ھەياتى جاۋىدان. |
[95:00.88] |
ئەي قۇياش يۈزلۈك سەنەم، ھالىم كۆرۈپ رەھم ئەيلەكىم، |
[95:11.81] |
يەتتى كۆككە ھەر نەفەس ھەجرىڭدە فەريادۇ فىغان. |
[95:41.29] |
گەر خەيالىڭ بولسا مىھمان كۆڭلۈم ئۆيۈندە دەمى، |
[96:02.49] |
ئەيلەگەي يۈز سارى ھەر دەم كۆزلەرىم گەۋھەر فىشان. |
[96:32.83] |
دەدىم:«ئەي جان، دەردىمە ۋەسلىڭ بىلەن بىر چارە قىل»، |
[96:43.64] |
كۈلۈپ ئايتۇر:«ئەي ھۈسەينىي، تۇتما مەندى بۇ گۇمان». |
[99:36.65] |
ئۈچىنچى داستان |
[99:37.31] |
نازلىق دىلبەر، بىر سۆزۈم ئايتايىن، |
[99:47.66] |
چەرخى فەلەك، كۆر نە جەفا ئەيلەدى. |
[99:57.27] |
بىراۋگە كىيگۈزۈپ تاجى خۇسرەۋىن، |
[100:07.57] |
بىراۋنى ئەل ئىچرە گەدا ئەيلەدى. |
[100:23.71] |
فەرھادو شىرىن بىلەن ۋامىقۇ ئۇزرا، |
[100:33.72] |
ئۇلارنىڭ باشىدا مىڭ تۈرلى سەۋدا. |
[100:43.40] |
بارچەنى ئۆلتۈرگەن ۋەفاسىز دۇنيا، |
[100:53.74] |
ئاخىرى بارچەنى فەنا ئەيلەدى. |
[101:09.71] |
لەيلالۇ مەجنۇن دەرلەر، ئالەمگە ئۇستاد، |
[101:20.27] |
جەھاننىڭ غەمىدىن بولمادى ئازاد. |
[101:29.59] |
نازلىق دىلبەر، ئىشىت، بۇ چەرخى ناشاد، |
[101:39.78] |
بۇ غەرىب جانىمغا جەفا ئەيلەدى. |
[104:28.89] |
تۆتىنچى داستان |
[104:38.44] |
ئىزدەدىم كۆڭلۈمنى جانان گۈلشەنىدە جان بىلە، |
[104:52.39] |
نەچە ئاختارسام كەتىپتۇر بۇ كۆڭلۈ جانان بىلە. |
[105:18.76] |
ئاھ، نەيلەي، جان بىلە قالدى بەدەن، كەتتى كۆڭۈل، |
[105:32.45] |
كىم قالىپدۇر بۇ جەھاندا مەن كەبى ئارمەن بىلە. |
[105:59.13] |
زۇلف قۇللابىغا بۇ جانۇ كۆڭۈل بولدى ئەسىر، |
[106:22.00] |
تەلبە قۇشتەك تەلپىنۈر ھەر دەم نەۋا ئەفغان بىلە. |
[106:48.39] |
زار مەجنۇنغا ۋىسالى بولسا مۇمكىن، نە ئەجەب، |
[107:02.74] |
مەرھەبا قىلسا نىگارى لۇتف ئىلە، ئىھسان بىلە. |
[112:18.20] |
مەشرەب |
[112:18.37] |
بىرىنچى مەشرەب |
[112:18.97] |
گوياكى كۆڭۈل سەرھەدى باغى ئەلەمىمدۇر، |
[112:36.30] |
ئاشىقمەنۇ دۇنيانى سۇ ئالسا نە غەمىمدۇر. |
[112:55.11] |
بەرقىلكى فەلەككە چەكەدۇر شۇئلەئى ئاھىم، |
[113:13.21] |
فەريادى قىيامەتدە نىشانى ئەلەمىمدۇر. |
[113:32.38] |
يول باشلاغۇچى، كەئبە تەۋافىغا نى ھاجەت، |
[113:50.71] |
ھەر خارۇ خەسى دەشتى سەۋدادى ھەرەمىمدۇر. |
[114:09.40] |
زۇننارىنى بوينۇمغا سالىپ قىلدى بەرەھمەن، |
[114:27.83] |
ئەي تەلەب ۋەلىلىي، نە ئاجايىپ سەنەمىمدۇر. |
[114:46.66] |
ساڭا يۈز شۇكر، يارەب، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ، |
[115:01.67] |
فەقىر، مىسكىنغە ئول ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ. |
[115:25.29] |
نەفىسىي، كەچە گۈندۈز شۈكرى قىل تەڭرى تەقەددۇسغا، |
[115:40.46] |
كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا، قاتىغ گۇناھ قىلدىڭ. |
[116:03.92] |
ھەق يولىدا جان كەچىپ بىر جۇستىجۇيى قىلمادىم، |
[116:15.82] |
تەۋبە سۇيىدىن تەنىمنى شۇستىسۇيى قىلمادىم. |
[116:28.03] |
ۋاھ، نەچۈك مەقبۇل بولغاي بۇ نەمازىمكىم مەنىڭ، |
[116:39.60] |
چۈنكى خۇنامى جىگەر بىرلە ۋۇزۇيى قىلمادىم. |
[116:52.23] |
ئۆتدى ئۇمرۇم دۇنيانىڭ مەسلەھەتىدىن، ۋادەرىغ! |
[117:03.72] |
ئاخىرەت ئەسبابىدىن بىر تار مۇيى قىلمادىم. |
[117:40.12] |
ئىككىنچى مەشرەب |
[117:40.88] |
يانە ياز بولدىيۇ بوستان نەشۋۇ نەما، |
[117:52.83] |
ئەي نەسىمى روھپەرۋەر، خەيرى مەقدەم، بەرھابا. |
[118:08.23] |
ئەمدى خۇشتۇر ماھپەيكەرلەر بىلە گۇلگەشتكىم، |
[118:19.64] |
باغى رىزۋانتەك چەمەن بولدى لەتىفۇ جانفىزا. |
[118:34.63] |
ئۇشمۇنىڭتەك فەسلدە مەن ۋەسلى دىلبەردىن يىراق، |
[118:46.25] |
ئەسرۇ زۇلم ئولغاي، ئىلاھا، تۇتماسۇن تەڭرى رەۋا. |
[119:01.22] |
خاھ ئۆلتۈر، خاھ تىرگۈز، ئىختىيار ئىلكىڭدەدۇر، |
[119:12.64] |
ئول سەنىڭ نازۇ ئىتابىڭغا مەنىڭ جانىم فىدا. |