[00:03.05] |
چەھەرگاھ مۇقامى |
[00:08.90] |
مۇزىكىسى: خەلق |
[00:13.04] |
تېكىستى: خەلق |
[00:17.97] |
چوڭ نەغمە |
[00:20.07] |
مۇقەددىمە |
[00:34.97] |
كۆرۈپ گۇلتەك يۈزۈڭ رەنگىن كۆزدىن يۈز چەمەن بولدى، |
[00:52.00] |
ئەقىق ئەرنىڭنى كۆرگەلى كۆزۈم ھالى يەمەن بولدى. |
[01:24.79] |
تۈن ئاقشام تولغانۇ سۇنبۈل بىكىن زۇلفۇڭدىن ئاھ ئۇردۇم، |
[01:42.98] |
ھەۋانى غالىيە تۇتتى جەھان مۇشكى خوتەن بولدى. |
[02:26.75] |
قىلىپ رەئنا قەددىڭ يادىن سەھەردە ئانچە يىغلادىم، |
[02:43.58] |
كۆزۈمنىڭ جويبارى ئىچرە سەرۋى نارۋەن بولدى. |
[03:21.95] |
مەنىڭتەك گوييا كۆردى يۈزۈڭنى ئەبرى نەۋروزى، |
[04:02.20] |
كۆزىنىڭ ياشىدىن يەر يۈزى ۋەردى ياسۇمەن بولدى. |
[04:46.02] |
سەبا زۇلفۇڭنى تاغتتى، مەگەر ھالى خەيالىمدا، |
[05:43.34] |
يازىلدى ئەژدىھا بولدى، ئورالدى ئەھرەمەن بولدى. |
[06:10.66] |
كۆرەدۈر گەچ كۆزۈڭ، كۆڭلۈم سەنىڭ زۇلفۇڭغا باغلاندى، |
[06:51.49] |
كۆرۈڭ ئول جادۇدىن بۇ ھەم يەنە بىر ئۆزگە فەن بولدى. |
[07:18.83] |
ئەگەر شىرىن ئۈچۈن فەرھاد ئىشقى كوھكەن بولسا، |
[07:33.13] |
نە تاڭ سەككاكى ھەم، جانا يولۇڭدا جانكەن بولدى. |
[08:15.44] |
تەئەززە |
[08:17.10] |
كۆڭلۈم ئۆرتەنسۇن ئەگەر غەيرىڭغە پەرۋا ئەيلەسە، |
[09:06.11] |
ھەر كۆڭۈل ھەمكىم سەنىڭ شەۋقۇڭنى پەيدا ئەيلەسە. |
[09:54.35] |
ھەر كىشى ۋەسلىن تەمەننا ئەيلەسەم، نەۋمىد ئۆلەي، |
[10:42.00] |
ھەر كىشى ھەكىم سەنىڭ ۋەسلىڭ تەمەننا ئەيلەسە. |
[11:25.80] |
ئۆزگەلەر ھۇسنىن تەماشا ئەيلەسەم، چىقسۇن كۆزۈم، |
[11:36.83] |
ئۆزگە بىر كۆز ھەمكى ھۇسنۇڭنى تەماشا ئەيلەسە. |
[12:12.49] |
غەير زىكرىن ئاشكارا ئەتسە، لال ئولسۇن تىلىم، |
[12:23.58] |
قايسى بىر تىل ھەمكى زىكرىڭ ئاشكارا ئەيلەسە. |
[12:59.10] |
رەشكدىن جانىغا ھەر نەگىس كۆزى بىر شۆئلەدۇر، |
[13:22.00] |
باغ ئارا ناگاھ خىرام ئول سەرۋى رەئنا ئەيلەسە. |
[14:07.46] |
يوق ئاغىزىدىن نۇكتە ئايتۇر مەھۋەشىمدەك بولماغاي، |
[14:29.94] |
گەر قۇياش ھەر زەررەسىدىن بىر مەسىھا ئەيلەسە. |
[15:15.53] |
ئاقىبەت جانىمغا يەتتى، ئەي خۇشا مۇغكىم، مەنى، |
[15:26.82] |
بىر قەدەھ بىرلە جەرابات ئىچرە رۇسۋا ئەيلەسە. |
[16:11.86] |
كەلتۈرۈڭ دەفئى جۇنۇنۇمغە پەرىخان، يوق تەبىب، |
[16:23.27] |
كىم ئول ئەنسەبدۇر پەرى ھەر كىمنى شەيدا ئەيلەسە. |
[16:34.69] |
سۈھىدەك ھەر دەمدە گەردۇن قويماغاي ئاسارىنى، |
[16:46.31] |
ناگاھ ئەھلى سىدق كۆڭلى مىھرىن ئىفشا ئەيلەسە. |
[17:22.63] |
دەھر شوخىغا، نەۋائىي، سەيد بولما، نەچەكىم، |
[18:04.60] |
گۈن ئىزارى ئۈزرە تۈن زۇلفىن مۇتەررا ئەيلەسە. |
[23:32.18] |
تەئەززە چۈشۈرگىسى |
[23:33.34] |
دەھر شوخىغا، نەۋائىي، سەيد بولما، نەچەكىم، |
[23:54.35] |
گۈن ئىزارى ئۈزرە تۈن زۇلفىن مۇتەررا ئەيلەسە. |
[24:28.26] |
نۇسخە |
[24:30.03] |
ياشۇرۇن دەردىمنى زاھىر قىلدى ئەفغان ئاقىبەت، |
[25:09.71] |
ئاسراغان سىررىمنى يايدى سىيلى مىژگان ئاقىبەت. |
[25:37.29] |
ياشۇرۇپ ئەردىم باغىر چاكىنى، ۋاھكىم، قىلدى فاش، |
[25:47.29] |
ھەر تەرەف كۆزدىن تەرەششۇھ ئەيلەگەن قان ئاقىبەت. |
[26:06.13] |
تىغى ھەجرىڭدىن نىھان كۆكسۈم شىكافىن، ئاھكىم، |
[26:25.20] |
ئەلگە رەۋشەن ئەيلەدى چاكى گىرىبان ئاقىبەت. |
[27:02.79] |
ۋايكىم، كۆكسۈم شىكافىدىن ئۇلۇسقا بولدى فەھم، |
[27:21.36] |
ئىشق ئوتى باغرىمغا قويغان داغى پىنھان ئاقىبەت. |
[27:39.98] |
شەۋقىدىن دەم ئۇرمايىن، بىدادىغا خۇرسەند ئەردىم، |
[27:58.61] |
ۋاھكى، بولدۇم ھەجرىدىن رۇسۋايى دەۋران ئاقىبەت. |
[28:36.15] |
گەر بۇدۇر كافىر كۆزۇ زۇننار زۇلفى، ئەي فەتىھ، |
[28:54.11] |
بولغۇدەكمەن دەير ئارا مەستۇ پەرىشان ئاقىبەت. |
[29:03.32] |
ئىشق كويىدا جۇنۇنۇمنى مۇنادى ئەيلەدى، |
[29:21.50] |
ھەجر تاشىدىن مۇنەققەش جىسمى ئوريان ئاقىبەت. |
[29:39.73] |
دەھر بوستانى ئارا سەركەش نىھالى كۆرمەدۈك، |
[29:57.74] |
سايە يەڭلىغ بولماغاي يەر بىرلە يەكسان ئاقىبەت. |
[30:06.97] |
ئەي نەۋائىي، دەۋلەتى باقىي تىلەرسەن ۋەسلىدىن، |
[30:24.80] |
ئانى كەسب ئەتمەك فەنا بولماي نە ئىمكان ئاقىبەت. |
[33:28.62] |
نۇسخە چۈشۈرگىسى |
[33:29.42] |
ئەي نەۋائىي، دەۋلەتى باقىي تىلەرسەن ۋەسلىن، |
[33:46.83] |
ئانى كەسب ئەتمەك فەنا بولماي نە ئىمكان ئاقىبەت. |
[34:22.53] |
مۇستەھزادە |
[34:24.09] |
تۈن ئاقشام بولدى-يۇ، كەلمەس مەنى شەمئى شەبىستانىم، |
[34:44.30] |
بۇ ئەندۇھ ئوتىدىن ھەر دەم كۆيەر پەرۋانەدەك جانىم. |
[35:07.88] |
نە غەم كۆرگۈزسە كۆكسۈم پارەسىن چاكى گىرىبانىم، |
[35:34.30] |
كۆرۈنمەس بولسا كۆكسۈم يارەسىدىن داغى پىنھانىم. |
[36:14.85] |
غەمىدىن دۇررى مەكنۇندەك سىرىشكىم ئاقتى جەنھۇندەك، |
[36:34.84] |
مۇزەييەن قىلدى گەردۇندەك جەھاننى ئەشكى غەلتانىم. |
[37:11.25] |
فەلەك ھەم تولدى كەۋكەبدىن، قۇياش ھەم تۈشتى ئەشھەبدىن، |
[37:30.98] |
كەلىپ تۈشمەس بۇ مەركەبدىن، مەنىڭ خۇرشىدى رەخشانىم. |
[38:10.28] |
جەھاننى زۇلمەت ئەتتى چەھ، بۇ زۇلمەت ئىچرە ئۆلگۈم، ۋاھ، |
[38:31.42] |
ماڭا بولساڭ نە خىزرى روھ، نەتىپ ئەي ئابى ھەيۋانىم. |
[38:52.87] |
دەمە كۆكتىن قۇياش كەتمىش، فەلەككە تىيرەلىك يەتمىش، |
[39:14.75] |
ئول ئاي ھەجرىدە يار ئەتمىش فەلەكنى دۇدى ئەفغانىم. |
[41:17.59] |
مۇستەھزادە چۈشۈرگىسى |
[41:18.12] |
نەۋائىي كەبى ھىجراندىن بۇ ئاقشام ئۆلدۈم ئەفغاندىن، |
[41:47.09] |
غەمىم يوق بولسا يۈز جاندىن، يەتىپ گەر كەلسە جانانىم. |
[53:09.95] |
سەنەم |
[53:10.42] |
چىقتى ناگاھ مەھۋەشى رەنگىنى گۇلنار ئەيلەگەچ، |
[53:21.83] |
ھەلقە-ھەلقە زۇلفىنى بويغا زۇننار ئەيلەگەچ. |
[53:33.63] |
ئىككى جادۇ كۆزلەرىگە ئەھلى ئەلەم بەندەدۇر، |
[53:45.19] |
ئىسمى ئەئزەم ساچلارى بوينىدا تۇرمار ئەيلەگەچ. |
[53:56.87] |
پىستە ئاغزىنىڭ ئىچىدە تىشلەرى دۇردانەدۇر، |
[54:08.43] |
سۆزلەرى قەندىن لەزىز، شىرىن گۇفتار ئەيلەگەچ. |
[54:20.01] |
ناگاھان كۆردۈم تۈشۈمدە ئاي يۈزىنىڭ شەۋقىنى، |
[54:31.36] |
ئول زەمان يانىمدا يوق، ئۇيقۇمنى بىيدار ئەيلەگەچ. |
[54:43.08] |
چوڭ سەلىقە |
[54:44.54] |
كۆردۈم يۈزۈڭنى دىيۋانە بولدۇم، |
[54:52.41] |
ئەقلۇ ھۇشۇمدىن بىيگانە بولدۇم. |
[54:58.45] |
تارتىپ جەفايىڭ ئۆلسەم يولۇڭدا، |
[55:05.83] |
يانماسمەن ھەرگىز مەردانە بولدۇم. |
[55:24.67] |
بولدۇم جەھاندا رۇسۋايى ئەلەم، |
[55:32.42] |
ياخشى، يامانغا ئەفسانە بولدۇم. |
[55:38.11] |
كەۋسەر شەرابى يادىمغە كەلمەس، |
[55:45.53] |
لەئلىڭ غەمىدىن مەستانە بولدۇم. |
[55:51.08] |
ئىشقىڭ مەيىگە پۇر بولدى جىسمىم، |
[55:56.04] |
ھەم ساقىي ھەم مەي، پەيمانە بولدۇم. |
[56:01.90] |
بىر قەترە ئەردىم، چۆكتۈم تەڭىزگە، |
[56:09.12] |
كىردىم سەدەفكە دۇردانە بولدۇم. |
[56:27.33] |
تەگدى كۆزۈڭدىن ھەر دەمدە مىڭ ئوق، |
[56:33.68] |
ئەۋۋەل ئەدىم دەشت، گۈلخانە بولدۇم. |
[56:45.78] |
بىر نەچە يىلدۇر ياردىن جۇدامەن، |
[56:53.12] |
بىلمەس ئۆزۈمنى، ئايا، نە بولدۇم. |
[57:12.58] |
كىچىك سەلىقە |
[57:15.51] |
يارنىڭ كوچىدا مەن دىيۋانە بولدۇم ئاقىبەت، |
[57:31.11] |
خەلق ئاراسىدىن چىقىپ بىيگانە بولدۇم ئاقىبەت. |
[57:46.63] |
كەلمەگەي ئەلەمگە سەندەك مەھۋەشى، ئى نازەنىن، |
[58:09.73] |
ئىشتىياقىڭ كەيفىدە مەستانە بولدۇم ئاقىبەت. |
[58:38.55] |
ئەلگە ئىشرەت باغىدا خۇرۇملىقۇ دىلشادلىق، |
[58:59.89] |
مەن غەرىبىڭ غەم بىلە ھەمخانە بولدۇم ئاقىبەت. |
[59:30.10] |
بىر زەمان يوقتۇر ماڭا ئارام ئىلە سەبرۇ قەرار، |
[59:51.34] |
ئاي يۈزۈڭنىڭ شەمئىغە پەرۋانە بولدۇم ئاقىبەت. |
[60:19.50] |
ئىكى شەھلا كۆزلەرىڭ كۆڭلۈم قۇشىنى قىلدى سەيد، |
[60:45.85] |
چۇغز يەڭلىغ مەسكەنى ۋىيرانە بولدۇم ئاقىبەت. |
[61:16.58] |
ئەي يارانلار، يارنىڭ ۋەسلى مەنى قىلدى خۇمار، |
[61:43.29] |
مۇتتەسىل ئاستانەئى مەيخانە بولدۇم ئاقىبەت. |
[62:39.82] |
ساقىيا، مەي تۇت ماڭا جامى مۇھەببەت تولدۇرۇپ، |
[62:50.09] |
نەۋبەتىيكىم تەشنەلەب رىندانە بولدۇم ئاقىبەت. |
[66:49.58] |
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى |
[66:50.19] |
ساقىيا، مەي تۇت ماڭا جامى مۇھەببەت تولدۇرۇپ، |
[66:59.15] |
نەۋبەتىيكىم تەشنەلەب رىندانە بولدۇم ئاقىبەت. |
[67:13.60] |
تەئكىد |
[67:14.17] |
سوراپ كۇلبەم سارى كەلدى مەنى ئول شوخ ياد ئەيلەب، |
[67:23.38] |
غەمىن كۆڭلۈمنى ھىجران غۇسسەسىندىن ۋاھكى، شاھ ئەيلەب. |