|
. . . . . . |
|
. . . . . . |
| [00:17.00] |
yeah c'mon |
| [00:22.00] |
يەر ئاستى يولىدا دوستۇم يۆلەۋاتىدۇ |
| [00:25.00] |
سورۇندا يۈز بەرگەن ئىشلار كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ |
| [00:28.00] |
ئىككى سولتەك سىڭلىسىدەك قىزغا ھاراق زورلاۋاتىدۇ |
| [00:30.00] |
يۈرۈكۈم ئىيچىشىپ قولۇم قىچىشىپ ئۇلارغا ئۆزۈمنى ئاتتىم |
| [00:33.00] |
ئاداش سەن كۆپ ئىچىۋاپسەن ئۇ قىزغا بۇ كەچتە نىمە بار |
| [00:36.00] |
سەن ئۇ قىز تەرەپتە تۇرغان بىلەن ئۇ قىز كۆڭلىدە كىم بار |
| [00:39.00] |
ئويلاپ باقتىڭمۇ ھازىرقى جەمىئەت سەن ئويلىغاندەك ئەمەس |
| [00:42.00] |
ھىجايمىغىچە دىڭگايمايدۇ ئۇ قىز قوزغىلى ھەۋەس |
| [00:44.00] |
توغرا ئۇلار چوڭ قىزلار كىچىك ئاق-قارا پەرق ئىتەمدۇ |
| [00:47.00] |
ئۇيغۇر قىزى مۇشۇنداق كىچىك تۇرۇپ تۈگۈشۈپ كىتەمدۇ |
| [00:50.00] |
ئۇ قىز بۇرۇن قانداق چۇشەنمەيمەن كۆرمىگەن |
| [00:53.00] |
بىراق مەندىكى ئاكېلىق غورۇر بۇنىڭغا قاراپ تۇرامدۇ |
| [00:56.00] |
yoo بۇرادەر سەندىكى ۋىجدان ئەلۋەتتە مەندىمۇ بار |
| [00:59.00] |
سەن بۇنى دەپ ئۇ ئىشلارنىڭ نىمىنى ئۆزگەرتەلەيسەن |
| [01:02.00] |
دۆتلۈك قىلما ئۇ قىز بۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ |
| [01:04.00] |
ئاتا-ئانېسىنىڭكىنى ئاڭلىمىغان يەردە سېنىڭكىنى ئاڭلامدۇ |
| [01:07.00] |
مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمنى قىلىۋاتىمەن ھەم قىلدىم |
| [01:10.00] |
ئارېمىزدىن چىققان خۇمسى گۇيلارنى كۆرگەندە يىڭەمنى تۈردۈم |
| [01:13.00] |
ئۇلار كەلگۈسى مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى |
| [01:17.00] |
ئۇلار چۈشكۈنلەشسە قىنى بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئەتېسى |
| [01:19.00] |
ئزەنجىر بىلەن دىئالوگMC-5 بىلەن دىئالوگ |
| [01:21.00] |
ئجەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ |
| [01:24.00] |
ئدىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن |
| [01:28.00] |
ئجەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ |
| [01:43.00] |
ئاداش ھازىر ئاق تاماكا چېكىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كېتىپتۇ |
| [01:45.00] |
مەھەللىمىزدىكى ئاشۇنى تونۇيسەنغۇ ئۇ چېكىپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ |
| [01:48.00] |
ئاتا-ئانىسى ياخشى ئادەملەر ئېدى ھەتتا كۆيۈمچان ئايالىمۇ بار ئېدى |
| [01:51.00] |
بىچارە قىزنى يىتىم قىلىپ ئائىلىنى غەم-قايغۇغا ساپتۇ |
| [01:54.00] |
بولدى قىلە ئاداش بۇنداقلارغا ياخشىسى ئىچىڭنى ئاغرىتما |
| [01:57.00] |
ئۇلاردا غورۇر ياكى ۋىجدان دىگەندىن ئەسەر بارمۇ |
| [01:59.00] |
ئاتا-ئانىسىغا ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتسىز ئاقچى |
| [02:02.00] |
ئۇنداق ياشىغاندىن بالدۇراق ئۆلگىنى ياخشى |
| [02:05.00] |
ئادەمدەك گەپ قىلە بۇرادەر ئۇلارمۇ بەلكىم ئازغاندۇ |
| [02:08.00] |
بەلكىم ئاشۇ يامان ئادەملەرنىڭ كەينىگە كىرىپ چەككەندۇ |
| [02:10.00] |
ئادەمنىڭ دوستى بار ھەم ئەلۋەتتە دۈشمىنى |
| [02:13.00] |
بەلكىم ئاشۇ دۈشمەنلىرى ئۇنى قەستلەپ قويغاندۇ |
| [02:16.00] |
مىڭ قەستلىسىمۇ بىلمەمدىكەن ئاق تاماكىنىڭ زەھەرلىكىنى |
| [02:19.00] |
ئاق تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئەزرائىل بىلەن يىقىنلىقىنى |
| [02:22.00] |
ئۇلار ھاياتىنى قەدىرلىمىسە سېنىڭ نىمە ئىشىڭ |
| [02:25.00] |
سەن ئۇلارغا ياردەم قىلساڭ ئەكسىچە يىرىلىدۇ بېشىڭ |
| [02:27.00] |
بەلكىم بېشىم يىرىلار بىراق كۆڭۈل بۆلمىسەك بولامدۇ |
| [02:30.00] |
ھەممىسىنى بىر تاياقتا تەڭ ھەيدىسەك بۇ سېنىڭچە قاملىشامدۇ |
| [02:33.00] |
ئۇلار ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بولسا بىز ئىشەنچنى بېرەيلى |
| [02:36.00] |
ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى بىر قىتىم ئىكەنلىكىنى بىز ئۇلارغا بىلدۈرەيلى |
| [02:39.00] |
زەنجىر بىلەن دىئالوگMC-5 بىلەن دىئالوگ |
| [02:41.00] |
جەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ |
| [02:45.00] |
دىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن |
| [02:47.00] |
جەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ |
| [03:01.00] |
قىمار بىر كۈنى خان قىلسا ھامان بىر كۈنى خار قىلىدۇ |
| [02:04.00] |
ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈندىن-كۈنگە تار قىلىدۇ |
| [03:07.00] |
قەرزدار قەرز سۈيلەپ پۇل ئالغۇچە خارلانسا |
| [03:10.00] |
پۇل ئالغۇچە قەرزدارنى مىڭ قاخشىتىپ زار قىلىدۇ |
| [03:12.00] |
شۇنى دىگىنە ۋە سەن قىمار ئوينامسەن |
| [03:15.00] |
توۋا دېگىنە قەتئى يىقىن كەلمە ئۇ نىجىس نەرىسىگە |
| [03:18.00] |
ئەتراپىمىزدىكى بەزى بۇرادەرلەر قىمارخانىغا يۈگرەيدۇ |
| [03:20.00] |
پوققا ئولاشقان چىۋىندەك ئەتراپىدىن يا كىتەلمەيدۇ |
| [03:24.00] |
بىىساتىنى ئۇتتۇرۇپ قانمايدۇ يا ئۈمۈدىنى ئۈزمەيدۇ |
| [03:27.00] |
مەسئۇلىيەتسىز قىمارۋاز خوتۇنىنى ئۇتتۇرىۋىتىشتىن يانمايدۇ |
| [03:29.00] |
قىمار دەپ ئاتىلىپتىكەن قىما دىگەننى قىلىۋاتىمىز |
| [03:33.00] |
ئائىلىلەرنىڭ ئىللىق كەيپىياتىنى قىمار ئويناپ بۇزىۋاتىمىز |
| [03:35.00] |
ئاتا-ئانىلار دوست-يارەنلەر ئارىسىدا مىھىر-مۇھەببەت سۇسلىشىپ |
| [03:38.00] |
شەيتاننىڭ ئارقىغا كىرىپ بىز قارا پاتقاققا پېتىۋاتىمىز |
| [03:41.00] |
بىز قىمارنى ئويناۋاتامدۇق قىمار بىزنى ئويناۋاتامدۇ |
| [03:43.00] |
كۈندىن-كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىۋاتىمىز |
| [03:46.00] |
زەنجىر بىلەن دىئالوگ MC-5بىلەن دىئالوگ |
| [03:49.00] |
جەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ |
| [03:52.00] |
دىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن |
| [03:55.00] |
جەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ |