作曲 : Xelq 作词 : Xelq يارىم دىگەيسەن سۆزى ۋە مۇزىكىسى: خەلىقنىڭ چالغۇلاشتۇرغۇچى: مۇراتجان مۇختەر ئورۇنلىغۇچى: ئەلىجان ئاقسوپا تېكىست ئىشلىگۈچى: ئابباس قاشلىرىڭ قارا-قارا كىرپىكلىرىڭ زېرۇ-زىۋەرەي قاشلىرىڭ قارا-قارا كىرپىكلىرىڭ زېرۇ-زىۋەرەي يار ئوتۇڭدا مەن كۆيەرمەن سەن يۈرىيسەن بىخەۋەرەي ئاي~~~بى~~~ يارىم دىگەيسەن ئاي~~~بى~~~ جانىم دىگەيسەن قاشنى قاشقا ئۇلىسا بۇغدايغا باغلىق بولغۇدەكەي قاشنى قاشقا ئۇلىسا بۇغدايغا باغلىق بولغۇدەكەي يېڭى يار تۇتقان كىشى سەۋدايى ئاغرىق بولغۇدەكەي ئاي~~~بى~~~ يارىم دىگەيسەن ئاي~~~بى~~~ جانىم دىگەيسەن (مۇزىكا) كۈيىمەنا كۈيىمەن قاشى قاراغا كۈيىمەنەي كۈيىمەنا كۈيىمەن قاشى قاراغا كۈيىمەنەي قاشىنىڭ قاراسىدىن جاننى ئالارغا كۈيىمەنەي ئاي~~~بى~~~ يارىم دىگەيسەن ئاي~~~بى~~~ جانىم دىگەيسەن مەن يۈزۈڭنى ئاي دىسەم كۆزلىرىڭ يۇلتۇز ئىكەنەي مەن يۈزۈڭنى ئاي دىسەم كۆزلىرىڭ يۇلتۇز ئىكەنەي ساچىڭنى سۇمبۇل دىسەم قاشلىرىڭ قۇندۇز ئىكەنەي ئاي~~~بى~~~ يارىم دىگەيسەن ئاي~~~بى~~~ جانىم دىگەيسەن (مۇزىكا) يار كېلىپ ئالدىمدىن ئۆتسە قاپقارا مۇڭلار ماڭا يەي يار كېلىپ ئالدىمدىن ئۆتسە قاپقارا مۇڭلار ماڭا يەي چۆرۈلۈپ ئالدىمغا كەلسە تار كېلەر دۇنيا ماڭا يەي ئاي~~~بى~~~ يارىم دىگەيسەن ئاي~~~بى~~~ جانىم دىگەيسەن ئاي~~~بى~~~ يارىم دىگەيسەن ئاي~~~بى~~~ جانىم دىگەيسەن جانىم دىگەيسەن