作词 : Mutalipjan Kawul 作曲 : Baturjan يىگىت كۆپ يۈرەگىمنى بىرەي دىسەم يىگىت كۆپ ، قول تۇتۇشۇپ يۇرەر دىىسەم يىگىت كۆپ ، چىراي ئاچماي كەلدىم سەندىن ئۆزگىگە ، نازلىق بېقىپ كۈلەي دىسەم يىگىت كۆپ . خاتا قىلدىڭ ئەقىدەمنى چۇشەنمەي ، پەقەت سېنى سۆيدۈم دىسەم ئىشەنمەي ، يۇرگەنلەر كۆپ مىنى قوغلاپ يىتەلمەي ، ۋىسال پەيزى سۈرەي دىسەم يىگىت كۆپ . يىگىتلەر كۆپ مەندىن سۆيگۈ سورىغان ، سۆزۈم بار دەپ يوللۇرۇمنى توسىغان ، مەن بىر ئەخمەق پەقەت سېنى ئويلىغان ، سەندىن كىچىپ سۆيەي دىسەم يىگىت كۆپ . مەن يېغلىدىم ئاشىغىم سەن كۈلۈپ قال، مەندىن ئەزىز بىلگەنلەرنى سۆيۈپ قال ، ۋاپالىق قىز يەردە قالماس بىلىپ قال ، ئۆز بەخىتمنى كۈتەي دىسەم يىگىت كۆپ