作词 : Abdukadir-Ablikim 作曲 : Abdukadir-Ablikim سىنى دىلدىن قەدىرلاپ سۆيگەنلەرنى يىغلاتما پەرۋانەدەك ئۇتۇڭدا كۆيگەنلەرنى يىغلاتما ئۇمۇ شۇنداق ئىنتىزار كۈيۈنۈشكە سۈيۈشكە يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ ئۆتكەنلەرنى يىغلاتما ئۇمۇ شۇنداق ئىنتىزار كۈيۈنۈشكە سۈيۈشكە يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ ئۆتكەنلەرنى يىغلاتما ئەمەس ھەرگىز گۇناھىم سىنى ياخشى كۆرگىنىم سىنى جاندىن ئەزىزلەپ كۆرگەنلەرنى يىغلاتما تەڭ قىلماستىن ئۆمرىدە سىنى باشقا گۈللەرگە بۇلبۇل كەبى يېنىڭدا يۈرگەنلەرنى يىغلاتما تەڭ قىلماستىن ئۆمرىدە سىنى باشقا گۈللەرگە بۇلبۇل كەبى يېنىڭدا يۈرگەنلەرنى يىغلاتما