作词 : Yaqupjan Qasim 作曲 : Yaqupjan Qasim كەل جانان سېغىنىش قىينايدۇ قەلبىمنى مىسكىن تەلمۈرۈپ تەلپۈنۈپ يۈرىمەن غەمكىن مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولسام ئارمانلار باغرىنى ئاچىدۇ بەلكىم كىچىدە مەڭزىمنى سۆيگەن مەيىن شامالدا جانانىم چىن سۆيگۈڭنىڭ شوخ نىداسى بار ياپراقلار تىلىدىن ئىشقىمنى ياد ئەت ئاي بوينىدا سۆيگۈمىزنىڭ تىل تۇمارى بار كەل جانان كۆڭۈللەر سۆيگۈمىزدىن يايرىسۇن مېھرىمىزدىن چىرايلىق سۆيگۈ گۈلى رەڭ ئالسۇن چېھرىمىزدىن شەپەقنىڭ ئىزى ئۆچمىسۇن سۆيگۈ بېغىمىزدىن باھار ھىدى يۈتمىسۇن سېغىنىش قىينايدۇ قەلبىمنى مىسكىن تەلمۈرۈپ تەلپۈنۈپ يۈرىمەن غەمكىن مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولسام ئارمانلار باغرىنى ئاچىدۇ بەلكىم كىچىدە مەڭزىمنى سۆيگەن مەيىن شامالدا جانانىم چىن سۆيگۈڭنىڭ شوخ نىداسى بار ياپراقلار تىلىدىن ئىشقىمنى ياد ئەت ئاي بوينىدا سۆيگۈمىزنىڭ تىل تۇمارى بار كەل جانان كۆڭۈللەر سۆيگۈمىزدىن يايرىسۇن مېھرىمىزدىن چىرايلىق سۆيگۈ گۈلى رەڭ ئالسۇن چېھرىمىزدىن شەپەقنىڭ ئىزى ئۆچمىسۇن سۆيگۈ بېغىمىزدىن باھار ھىدى يۈتمىسۇن