作曲 : Respect26 作词 : 10Yil/Rejez ئانا، ناخشامنى ئاڭلىدىڭما ئاشخانا ئۆيدىكى ناخشاڭنى ئاڭلىغۇم با جەمىيەتتە ئۇرۇلۇپ نۇرغۇن يولنى ماڭدىم خاتا ئەمدى ئەقلىم توختىدى بۇ ناخشىنى قىلاي ئاتا ئانا سېنىڭ سۆيگۈڭ ئېگىزلىكتە ئەرىشتە ئانا سەن بىغۇبار(سىز) گۈزەللىكتە پەرىشتە ئانا قانچە ئاتىساممۇ قانمايدۇ باغرىم يىللار سېنى ئېزىۋەتتى بىلىمەن ئانا ھاردىڭ ئانام گۈزەل، ئانام پاكىز، ئانام گۆھۈرۈم ئانام ئۇلۇغ، ئانام ئالماس، ئانام مۆھۈرۈم ئانام گۈلۈم، ئانام تېغىم، ئانام يۇلتۇزۇم ئانام قۇياش، ئانام دەريا، ئانام قۇندۇزۇم ئانام ھەسەل، ئانام شەبنەم، ئانام كۆز نۇرۇم ئانام تەسەللى، ئانام يۈركۈم، ئانام قان خۇنۇم ئانام ھەيۋەت، ئانام يۈكسەك، ئانام ئالىمىم ئانام شۆھرەت، ئانام دورام، ئانام مۇئەللىمىم ئانامنى رازى قىلالمىسام قەسلىۋەت دۇنيا ئانامنى رازى قىلالمىسام دەسسىۋەت دۇنيا جاپارى زور دۇنيا جازارى زور دۇنيا ئانامنى رازى قىلالمىسام يەنجىۋەت دۇنيا توغرا ئانا مەس بولۇپ قوينۇڭغا قۇسقانمۇ مەن نۇرغۇن ئىشتا كەلگۈسۈڭنى يولۇڭنى توسقانمۇ مەن مەن تۈپەيلى تۇتۇلدى ئۈنۈڭ تۈكۈلدى قېنىڭ مەن تۈپەيلى 26يىل جاپادا ئېگىلدى بېلىڭ ئانا يۈركۈڭنى يېرىپ چىقىپ تىككەن يەنى تاتلىدىم كۈنۈم كۈنۈم يۈركۈڭنى يەپ كوچىلاردا قاترىدىم كوچىدا ئەركەك ئازكەن ئانا سىرىمنى دۈشمەنگە ساتتى ئەمدى بېلىم قاتتى ئوغلۇڭنىڭ مىجەزى سېنى تارتتى ئانامنى خارلىما دۇنيا يۈزۈڭگە پىچاقنى تىققىنىم تىققان ئانامنى ئايىمىساڭ كۆڭلۈمدە ساڭا نەپرەت قاغىش پىغان ئانام مىھرىدە دۇنيارىڭدىكى قانداق پەيلاسۇپ يېتىدۇ ئانامنى قېينىما دۇنيا ئۆلسەم كۆزۈم ئوچۇق كېتىدۇ ئانام مۆمىن ئۇنى باغلىغان ئارقانلىرىڭنى تارىت دۇنيا ئانامنى كۆيدۈرۋاتقان ھەم ۋولقانلىرىڭنى ياپ دۇنيا ئانام قېرىمىسۇن ھارمىسۇن بىزگە يات دۇنيا ۋاقىتىڭ بىلەن سائىتىڭنى قۇچاقلاپ ئەمدى قات دۇنيا ئانامنى رازى قىلالمىسام قەسلىۋەت دۇنيا ئانامنى رازى قىلالمىسام دەسسىۋەت دۇنيا جاپارى زور دۇنيا جازارى زور دۇنيا ئانامنى رازى قىلالمىسام يەنجىۋەت دۇنيا 演唱者:Rejez سېنىڭدىن پۈتۈك بۇ ۋىجدان ئېي سەنسىز ۋىجدانىم ھېجران ئېي سەن ۋەج تۇۋاق ئاستى قازان ئېي سەنسىز باراقسان گىياھسىز خازان ئېي جاھان رۇخسارى پورەك گۈلزارلىرى گۈزەل تۈستە ئانام تەبىئىيلا بېھىش يوقتۇر ئالا-چىپار ھەل ئاقىل دېدى خۇش مېھىرنى ئاناڭدىن ئىستە دىماقلىرىم مەستخۇش ئانام ئەزەل ئىپار-ئەنبەر كەزدىم تالاي، دەشتتۇ-باياۋان ھەتتا گۈلىستاننى كۆرمىدىم ئانام كەبى بۇلبۇل ياكى قارلىغاچ كەزدىم تالاي، مېھىر باھار قەھىر زىمىستاننى ئانام سىماسى كۆرۈنمىدى تۈمەن ئىچرە ئارلىغاچ ئېي ھېلىھەم ئەستە خەستە كۆڭۈل ئانامنىڭ كۆڭلى بەجايىكى شېرىن تەم جىنەستە رىزايىم ئانا بولاي قۇربانىڭ تەشەككۈر ئەقىدەمدە تىزاي ساڭا گۈلدەستە ئانامنى رازى قىلالمىسام قەسلىۋەت دۇنيا ئانامنى رازى قىلالمىسام دەسسىۋەت دۇنيا جاپارى زور دۇنيا جازارى زور دۇنيا ئانامنى رازى قىلالمىسام يەنجىۋەت دۇنيا ئانامنى رازى قىلالمىسام قەسلىۋەت دۇنيا ئانامنى رازى قىلالمىسام دەسسىۋەت دۇنيا جاپارى زور دۇنيا جازارى زور دۇنيا ئانامنى رازى قىلالمىسام يەنجىۋەت دۇنيا